Ana-tilim-uyghurche
Проект: Hamra-amraq.narod.ru
ئاسسالامۇ ئالەيكۇم ېزىز مەھمان ھىەمرا-ئامراق تورغا خۇش كەلدىڭىز
Welcome to my page

-




         ХЕЛИЛ ХАМРАЕВ Xamraev

 خېلىل خامراېۋ
 Xamraev 

                  



ئانا تىلىم - ھاياتلىغىم

ئانا تىلىم ھاياتلىغىم بايرىغىم،
شۇ بايراقتىن بىلىنىدۇ بارلىغىم.
ئۇ قانچىلىك كۆتۈرۈلسە بۈيۈككە،
كەڭىيىدۇ مېنىڭ ياشار يايلىغىم.

ئانا تىلىم ئۆرگە ئۇچار قاناتىم،
ئاڭا باغلىق مېنىڭ ئۆمۈر سائاتىم.
ئۇ قانچىلىك پەرۋاز قىلسا ئۇزاققا،
يىلتىز تارتىپ شاقىرايدۇ ئىجاتىم

ئانا تىلىم، جانان تىلىم، جان تىلىم،
ئانا سۈتى بىلەن كىرگەن نان تىلىم.
كۈيلەپ دايىم دوستلۇق بىلەن ئەرىكنى،
ياڭراپ تۇرغان شائىر تىلىم شان تىلىم.

تىلىمغا يار سادىر پالۋان ناداسى،
ئامانىساخاننىڭ مۇقام ناۋاسى.
ئۇلۇق شائىر بىلال نازىم قەلمىدىن،
قەت كۆتەرگەن ئۇنىڭ نۇرغۇن جىراسى.

شۇ جىرادىن ئېقىپ كەلگەن بۇلاق مەن،
قەيسەر نازۇك ئېيتقان ئوتلۇق قوشاق مەن.
يالقۇنلۇتۇپ ئۇستاز بىلال  غەزىلىن،
ژۇت باغرىدا يېنىپ تۇرغان چىراق مەن.

ئانا تىلىم، گۆزەللىكنىڭ ئاچقۇچى،
تىلسىمات ئۇ قەلبىمگە نۇر چاچقۇچى،
شۇ نۇر مېنى، گۆزەللىكە ئاشىق قىپ،
ئىلھامىمنىڭ ساليۇتلىرىن ئاتقۇچى.

ئانا تىلىم تىرىكلىگىم تىرىگىم،
شۇ تىرەكتىن مەدەتلىنەر ژۈرىگىم.
دوستلار تىلى بايلىغىدىن بەھلى ئېپ،
قاناتلىنىپ ئۇلغۇ يارغا تىلىگىم.

***
© ئىستوچنىك زدېسь 
ئۇيغۇر تىلى 

ئابدۇرېھىم زۇنۇن 

بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۈتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى، 
مەڭگۈ پاتماس زەر قۇياش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى، 
بىپايان تىل كۆكىدە چولپان، ھۈكەر ئۇيغۇر تىلى، 
مەنىلەرگە باي تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى، 
بولدى تارىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى. 

ئانا تىل ھەردەم قەۋم-مىللەت ئۈچۈن روھ تۆۋرۈكى، 
ئانا تىل پەن-مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى، 
ئانا تىل چوڭۇ-كىچىكنىڭ يۈرىكى، تاغ-يۆلىكى، 
ئانا تىل ۋاستە-قورال ئالاقىدە، قەلب ئەينىكى، 
بىزنى قۇچتۇرغان ژىمى ئىشتا زەپەر ئۇيغۇر تىلى. 

پەنگە ئاشىق-بىقارار قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم، 
تارتتى رايىمنى ئۆزىگە ھەرقاچان ئەنبەر تىلىم، 
ئەلگە دىل رىشتىمنى چاتتى بال-شېكەر، كەۋسەر تىلىم، 
بولدى ئەل دۈشمەنلىرىگە تىغ-تەبەر، نەشتەر تىلىم، 
ھەممىمىزنى قىلدى دائىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى. 

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ مۇشۇ تىلدا ژان بوۋام، 
مەن ئىژاد ئەتتىم موشۇ تىلدا، قىلىپ پەرۋاز داۋام، 
موشۇ تىلدا سايرىدى بۇلبۇل كەبىي ھەقدار بالام، 
موشۇ تىل بەردى ماڭا مەرتلىك، ۋاپادارلىق ھەم چىدام، 
قان-قېرىنداشلارغا رىشتە، ژانژىگەر ئۇيغۇر تىلى. 

سۇ بېرىپ ياشناتتى بىزنى ئانا تىل-ئالتۇن بۇلاق، 
ئۇ-چىراق، پەرۋانە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىراق، 
ئانا تىل يىلتىز، ئۇزۇق ئالغۇچى بىز-نوتا-ئۇلاق، 
ئانا تىلدا دەرس ئېلىپ، تاپتۇق ئەقىل، سەمىرىپ قۇلاق، 
بىزگە پۈتمەس كان، خەزىنە شام-سەھەر ئۇيغۇر تىلى. 

شاھ مۇقامنى موشۇ تىلدا ئاڭلىدى ئەھلى ژاھان، 
موشۇ تىل دىللارنى دىلغا ئۇلىغان رىشتە ھامان، 
موشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەتى نەۋائىي تاپتى شان، 
موشۇ تىلغا ژان بېرىپ مەھمۇد بوۋام تۈزدى دىۋان، 
مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر، يېزىشتا شاھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى. 

بولغۇسى قەدرىم پاخال-خەس، بولمىسا گەر ئۆز تىلىم، 
ئۆز تىلىم بار، ئاي-قوياشتەك تۇرىدۇ پارلاق دىلىم، 
بارمۇ مەندەك باي ژاھاندا، ئۆتتى شاد ھەراي، يىلىم، 
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم، 
ماڭا ئۇستاز، رەھنامە چىن ئىچ كۈيەر، ئۇيغۇر تىلى. 

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋاقىت تولپارىنىڭ، باش قاشلىما، 
بولسا بىل كۆپ تىل، ئەقىل-كۈچ تاپ ھامان، يانپاشلىما، 
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما، 
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما! 
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى!

-=-=-=-=-=-
بارمۇ مەندەك باي ژاھاندا، ئۆتتى شاد ھەراي، يىلىم، 
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرياسىدىن سۈزدۈم بىلىم، 
ماڭا ئۇستاز، رەھنامە چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى. 
بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى، كېيىن كۆز ياشلىما، 
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما!
 
***********************
(2ۋارىئانت)
يaشنىسۇن 
(مۇخەممەس) 
گۈللىسۇن ئۇيغۇر تىلى 
ئابدۇرېھىم زۇنۇن 

بىل شۇنى، ئۇيغۇر ئۈچۈن پۇتمەس گۆھەر ئۇيغۇر تىلى، 
مەڭگۇ پaتمaس زەر قۇيaش، نۇرلۇق قەمەر ئۇيغۇر تىلى، 
بېپaيaن تىل كۆكىدە چولپaن، ئۈكەر ئۇيغۇر تىلى، 
مەنىلەرگە بaي، تېرەندۇر شۇ قەدەر ئۇيغۇر تىلى، 
بولدى تaرىختىن بېرى بىزگە پەدەر ئۇيغۇر تىلى. 

ئانa تىل ھەردەم قۇۋم - مىللەت ئۈچۈن روھ تۈۋرۈكى، 
ئانa تىل پەن - مەرىپەت ئالمaشتۇرۇشنىڭ كۆۋرۈكى، 
ئانa تىل چوڭۇ - كىچىكنىڭ يۈرىكى، تaغ - يۆلىكى، 
ئانa تىل ۋaستە - قۇرaل ئالaقىدە، قەلىب ئەينىكى، 
بىزنى قۇچتۇرغaن جىمى ئىشتa زەپەر ئۇيغۇر تىلى. 

پەنگە ئاشىق - بىقaرaر قىلدى مېنى دىلبەر تىلىم، 
تaرتتى رaيىمنى ئۆزىگە ھەر قaچaن ئەنبەر تىلىم. 
ئەلگە دىل رىشتىمنى چaتتى بaل - شېكەر، كەۋسەر تىلىم، 
بولدى ئەل دۇشمەنلىرىگە تىغ - تەبەر، نەشتەر تىلىم، 
ھەممىمىزنى قىلدى دaئىم بەھرىۋەر ئۇيغۇر تىلى. 

"ئا" بىلەن كىردى ئېغىزغa، تىل - زۇۋaنغa مەڭگۇ تەم، 
قىلدى تىل ئاقىل، نaدaنلaرغa بېرىپ ئىدرaكۇ پەم، 
تىل چېچىلغaننى يىغىپ قىلدى ھaمaن بىر يەرگە ژەم 
تىل بىمaر، ئاژىز - ئورۇققa ئەم - دaۋa، ئاچلaرغa يەم 
خaسىيەتلىك تىل تۇمaر، قaلقaن - سىپەر ئۇيغۇر تىلى. 

يۈرىكىمگە كەلدى سۆزلەپ موشۇ تىلدa ژaن بوۋaم، 
مەن ئىژaت ئەتتىم موشۇ تىلدa، قىلىپ پەرۋaز دaۋaم، 
موشۇ تىلدa سaيرىدى بۇلبۇل كەبى ھەقدaر بaلaم، 
موشۇ تىل بەردى چىدaم، مەردلىك، ۋaپaدaرلىق مۇدaم، 
قaن قېرىندaشلaرغa رىشتە، ژaنژىگەر ئۇيغۇر تىلى. 

سۇ بېرىپ يaشنaتتى بىزنى ئانa تىل - ئالتۇن بۇلaق، 
ئۇ - چىرaق، پەرۋaنە بىز، ھەرگىزمۇ كەتمەيمىز يىرaق، 
ئانa تىل يىلتىز، ئوزۇق ئالغۇچى بىز _ نوتa - ئۇلaق، 
ئانa تىلدa دەرىس ئېلىپ، تaپتۇق ئەقىل، سەمرىپ قۇلaق، 
بىزگە پۇتمەس كaن، خەزىنە شaم - سەھەر ئۇيغۇر تىلى. 

قويدى تaڭ دۇنىيaنى شۇ تىلدa قىلىپ بۇلبۇل نaۋa، 
تaپتى شۇ تىلدa پۈتۈلگەن كۈي - غەزەل يۈكسەك بaھa، 
ھەر تەرەپتىن يaغدى ئالقىش، <؛مىڭ يaشa!>؛ دېگەن سaدa، 
موشۇ تىل شۆھرەتكە نaئىل ئەيلىدى، سaلدۇق سaمa، 
ئىپتىخaرغa پۈركىدى ئۇيغۇرنى زەر ئۇيغۇر تىلى. 

شaھ مۇقaمنى موشۇ تىلدa ئاڭلىدى ئەھلى ژaھaن، 
موشۇ تىل دىللaرنى دىلغa ئۇلىغaن رىشتە ھaمaن، 
موشۇ تىل بىرلە يۈسۈپ، ھەزرەت نaۋaئىي تaپتى شaن، 
موشۇ تىلغa ژaن بېرىپ مەھمۇد بوۋaم تۈزدى دىۋaن، 
مەڭگۇ ئەنگۇشتەر، يېزىشتa شaھ ئەسەر ئۇيغۇر تىلى. 

موشۇ تىل بىزگە ژaھaندa تەڭدىشى يوق، بىبaھa، 
موشۇ تىل بىرلە بىلىپ يەتتۇق نېمە توغرa، خaتa، 
موشۇ تىل مەڭگۇ قەدىردaن، مېھرى ئاتەش ژaن ئانa، 
موشۇ تىلنىڭ شۆھرىتىنى قىل ھىمaت، ژaننى ئاتa، 
پىر بولۇپ بىزگە ئۈگەتتى كەسىپ - ھۈنەر ئۇيغۇر تىلى. 

ئانa تىل قaلغaن ئانaمنىڭ ئانىسىدىن يaدىكaر، 
ئانa تىلغa يۇغۇرۇلغaن چىن غۇرۇر ۋە ئېپتىخaر، 
ئانa تىلنى ئاڭلىسaم ژۇتنى سېزەرمەن گۇلبaھaر، 
ئانa تىل بaر - ئەلمۇ بaر، ھېكمەت، مۇھaببەت... ھەممە بaر، 
بىزگە ئاش - نaندەك زۆرۇردۇر، ھەمسەپەر ئۇيغۇر تىلى. 

بولغۇسى قەدرىم پaخaل - خەس، بولمىسa گەر ئۆز تىلىم، 
ئۆز تىلىم بaر، ئاي، قۇيaشتەك تۇرىدۇ پaرلaپ دىلىم، 
بaرمۇ مەندەك بaي ژaھaندa، ئۆتتى شaد ھەر ئاي، يىلىم، 
ئۆز تىلىمدa بۇ ھaيaت دەرىيaسىدىن سۈزدۈم بىلىم، 
مaڭa ئۇستaز، رەھنەمa چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى. 

خىسلىتى يaزغaنغa پۇتمەس، تىل ھaيaت، بىزمۇ ھaيaت، 
موشۇ تىل بەركaتىدىن تaپتۇق رونaق، ئەل - يۇرت ئاۋaت، 
كۈنسېرى ئۆرلەشكە بولدى موشۇ تىل تaلمaس قaنaت، 
مەن بۇڭa دىل بەرگىنىمچۈن، ئارمىنىم بىخ يaردى شaد، 
ئۇتتى مەيلىمنى، بېرىپ دىل، ھۆددىگەر ئۇيغۇر تىلى. 

تىزگىنىن چىڭ تۇت ۋaقىت تۇلپaرىنىڭ، بaش قaشلىمa، 
بولسa بىل كۆپ تىل، ئەقىل، كۈچ تaپ ھaمaن، يaنپaشلىمa،
بۇ قۇرaلدىن پaيدىلaن يaخشى، كېيىن كۆز يaشلىمa 
شaھ بولۇپ كەتسەڭمۇ، ئەممa ئۆز تىلىڭنى تaشلىمa، 
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى. 

ھەر كىشى كۆپ زوق ئالaر سۆز سۆزلىسە ئۆز تىلىدa، 
شۇڭa مەن ئانa تىلىمغa قىلىمەن چىن ئىقتىدa، 
ئانa تىلسىز گaل، كېكەچ مەن، بولىمەن ژaندىن ژۇدa، 
چىن يۇرەكتىن ئەيلىدى ئابدۇرېھىم مۇندaق نىدa: 
سۈيىدە ئاق، ئوتىدa كۆي! دۇر - گۆھەر ئۇيغۇر تىلى!
***
پراۋكا تېكستا Эمېرېن.
(بارمۇ مەندەك باي جاھاندا، ئۆتتى شاد ھەراي، يىلىم،
ئۆز تىلىمدا بۇ ھايات دەرىياسىدىن سۈزدۈم بىلىم،
ماڭا ئۇستاز، رەھنامە چىن ئىچ كۆيەر، ئۇيغۇر تىلى.

بۇ قۇرالدىن پايدىلان ياخشى، كىيىن كۆز ياشلىما،
شاھ بولۇپ كەتسەڭمۇ ئەمما ئۆز تىلىڭنى تاشلىما!
قىلغىنى بىزنى مۇزەپپەر، مۆتىۋەر ئۇيغۇر تىلى!)

***
ئانا تىلىم - دانا تىلىم
 ئىلьيا بەختىيا
(ئىلьيا بەختىيا)


ئۇلۇق ئانىنىڭ ژۈرەك سۆزىنى
ئاڭلىدىم دەسلەپ ئانا تىلىمدىن،
كۆردۈم ئەس كىرىپ ھايات كۆزىنى،
مېنى چوڭ قىلغان دانا تىلىمدىن.

ئوقۇدۇم مەنمۇ "ئا"، "ب" دىن باشلاپ،
ئىلىم تەمىنى تېتىپ بىلىمدىن.
ئۆمۈر ژۈكىنى ئالدىم ھاپاشلاپ،
رەخمەت ئانا تىل، رەخمەت دىلىمدىن!

ئانا تىلىمنىڭ مۇڭلۇق ئەللىيى،
تەۋىتىپ مېنى بۆشۈكتە ياتتىم.
ئات ياتسا ئېلىپ غولنىڭ تېلىنى،
كېپىنەك قوغلاپ سەيلىتىپ كەتتىم.

ژاھاندا تەڭكەش كېلەر ئۇنىڭغا،
ئارتۇق تىل بارمۇ قەدىردان شۇنچە.
چۈنكى شۇ تىلدا ئانا ۋەتەنگە
مۇھەببىتىمدىن تىزىمەن ئۈنچە.
-=-
ئانا تىل 
{ ۋارىسژان قاسىم  } 
(شائىر قاغىلىق ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارسىدە ئىشلەيدۇ.) 

ھاياتنىڭ كۆركى - سۇلتانى، بەخىت پەرۋانىسى تىلدۇر، 
ژاۋاھىر كانىنىڭ شاھى، ئەقىل دۇردانىسى تىلدۇر، 
كۆڭۈل گۈلشەنىنىڭ سولماس ئەبەدلىك لالىسى تىلدۇر، 
گۈزەللىك ئىلاھى پاك، نازاكەت قامۇسى تىلدۇر، 
ۋىسالغا تاژ، رەقىبلەرگە ئەژەل پەيكانىسى تىلدۇر. 

پىكىرلەر ژىسمىغا تىل ژان، تەپەككۇر ئىلمىغا ساپ قان، 
ئۇنىڭسىز سۆزلىمەس ئىنسان مىسالى ئەينى بىر ھايۋان، 
ۋىسال بوستانىغا خۇش ھىد چېچىپ تۇرغان گويا رەيھان، 
يىگىت - قىز ئىشقى ئىزھاردۇر تېرەن ھېكمەت بىلەن ھەران، 
مۇھەببەت رىشتىنى چاتقان بۈيۈك دىل تارىسى تىلدۇر. 

يېقىملىق، شاش ھارارەتتىن ئېرىيدۇ باغرى تاش ژاھىل، 
كەسىپ شۇڭقارى خەلقىمگە ژاھاننىڭ ئەھلى لال - قايىل، 
ئىژاد مەيدانىدا شۆھرەت كەمەرى، تاژىغا نائىل، 
نە شەربەت، تۇنژى ئوغۇزدۇر، پۈتۈن قۇدرەت ئاڭا مايىل، 
قۇياشنىڭ قىبلىسى، شېرىن ناۋا ئاستانىسى تىلدۇر. 

تۇغۇپ تۇپراقنى ئىنسان پەخرىگە دەسلەپ ۋەتەن بولغان، 
پاناھلىق ئىزدىگەندە روھىغا نۇرانە تەن بولغان، 
بېرىپ ئىدراكقا ئازماس سۈت، ژەسۇر - قەيسەر چىمەن بولغان، 
ئۆسۈپ قەشقەر، ئىلى، ئاقسۇ، قۇمۇل، تۇرپان، خوتەن بولغان، 
سۆيۈش ھەم سۆيۈلمەكنىڭ يېتۈك ئەللامىسى تىلدۇر. 

زەپەر كارابىدا ئەژداد كۈرەش ئوكيانىدا ئاققان، 
پاراسەت ژامىدا كەۋسەر ئىچىپ، پەن مېغىزىن چاققان، 
بۈيۈك "دىۋان" نى تاژ قىلىپ ئانا تىل باشىغا تاققان، 
ماھارەت كۆكىدە چاقماق چېقىپ نۇردەك قانات قاققان، 
مەرىپەت ئەھلىنىڭ سۆيگەن گۈزەل ژانانىسى تىلدۇر. 

كۆيۈپ ھەر سۆزگە چەكسىز، مېھرىگە يۈكسەك پايان بەرگەن، 
گوياكى تەڭرىدەك مەڭگۈ ئېقىپ - پۈتمەس زامان بەرگەن، 
تاشار قات - قات، يېڭىلمەس ئۆركىشىدە يېڭى قان بەرگەن، 
باھادىر - ژەڭگىۋار، سۇنماس كامان بەرگەن، ئىمان بەرگەن، 
ئۇلۇغلۇق بۇرژىنىڭ ھەرىكەتتىكى سەييارىسى تىلدۇر. 

زاماننىڭ خانى - شانى، ئوتتا كۆيمەس، سۇدا ئاقماستۇر، 
تىرىلكلىك نۇرىدۇر، ئازغۇن كۆڭۈلگە زەررە باقماستۇر، 
تىكەنلىك سوغ دەۋرنىڭ تاشبورنى ھېچ سوقالماستۇر، 
ئەسىرلەر ئۆلسىمۇ، دەۋرەپ تۇرار مەغرۇر، يوقالماستۇر، 
بىلىشنىڭ ئىپتىداسى ھەم گۆھەر يالدامىسى تىلدۇر. 

قۇتاتماقتىن بوۋام يارقىن شەرق گۈلزارىنى كۆرگەن، 
ژاھاننەما قىلىپ تىلنى ناۋائى يارىنى كۆرگەن، 
ئۇچۇپ ئالەم كۆزىدە بەر كامال رۇخسارىنى كۆرگەن، 
ئۇلۇغ مەنزىل داۋانىدا ژۇدالىق نارىنى كۆرگەن، 
نەپىس سەنەت مۇنارىنىڭ ئالماس پايىسى تىلدۇر، 

زەلىلى قۇم كېچىپ كەلسە، قەلەندەر، نەۋبىتى چاقنار، 
نىزارى قايغۇسى گۈلخان مۇڭىدا ھىرقىتى چاقنار، 
ئۇپۇققا ئاتسا گۇمنامنى، كى مەشرەپ غۇربىتى چاقنار، 
تەژەللى ھەم بىلال نازىم، تۇمارىس ھەزىتى چاقنار، 
زەبەردەست كەچمىشىمنىڭ ئەڭ تىرىك سەرمايىسى تىلدۇر. 

خىژالەت ئەيلىدى ھۆسنى سېھىرلەپ كۈي خۇداسىنى، 
ۋۇژۇد ئاسمانىغا چاچتى مۇھەببەتنىڭ ژۇلاسىنى، 
تالايلاپ تاشلىدى پۈكلەپ ژاھالەتنىڭ بالاسىنى، 
بۇ تارىخ تۇغدى ھۆر تىلدىن مەدەنىيەت ئاناسىنى، 
يوقالماس روھى مىللەتنىڭ، تۇغى - ئابىدىسى تىلدۇر. 

غۇرۇرلۇق سۆزلە: "ئۇرخۇن تاشلىرى ئەل ئىپتىخارى" دەپ، 
"ژاراڭلاپ چىن ئۇيۇشماقنىڭ يېقىلماس تۆھپىكارى" دەپ، 
"رەزىللىك تىل تۇمارىغا، غەزەپنىڭ زۇلپىقارى" دەپ، 
"يوقالماس قەھرىمان خەلقىم تاۋابگاھى - مادارى" دەپ، 
يارالماقنىڭ -ياراتماقنىڭ ئاقار يىلنامىسى تىلدۇر. 

ئانا تىل يۈندە ئەڭگۈشتەر - چېۋەر يولچى، باھاسى يوق، 
ئانا تىل سۆيمىگەنلەرنىڭ ئەزەلدىن شاد ناۋاسى يوق، 
ئانا تىلسىز تەپەككۇر باغى سولغۇن، ساپ ھاۋاسى يوق، 
تىلنى خارلىغانلارنىڭ نەس كېسەل، مەڭگۈ داۋاسى يوق، 
پەزىلەت ژەۋھىرىنىڭ چىن شاھادەتنامىسى تىلدۇر. 

پەلەككە قۇل ئۇزاتقانلار ئاڭا تىغلار چاپالمايدۇ، 
ئەزىم توپان ئىلاھىمۇ قارا پەردە ياپالمايدۇ، 
غۇرۇر - ۋىژداننى ساتقانلار ئانا تىلنى ساتالمايدۇ، 
بالاغەت، ژىلۋە، كەڭلىكتە قۇسۇر - نۇقسان تاپالمايدۇ، 
كى ئىنسان ئىدراكىنىڭ ئەڭ قەدىم غەمخانىسى تىلدۇر.


=========


ئانا تىلىم، 
مۇھەببەت بابىدا چەكسىز يېقىملىق --- 
جىلۋىدار تىلىم؛ 
نەپرەت بابىدا شۇنچە شىددەتلىك --- 
زۇلپىقار تىلىم. 
مىللىتىمىزنى، 
خىسلىتىمىزنى، 
ئىززىتىمىزنى، 
ساقلاپ كەلگەن تۆھپىكار تىلىم. 

ئانا تىلىم، 
سەن ئاچقان ئەقىل كۆزىمىزنىمۇ، 
سەن بىلەن چۈشەندۇق مۇشۇ دۇنيانى، 
ھەم چۈشەندۇق، 
چۈشەندۈردۇق ئۆزىمىزنىمۇ. 
سەن بولغاچقا، 
ئۇزاق تارىخمۇ شۇنچىلىك يېقىن، 
سەن بولغاچقا، 
نەچچە مىڭ يىللىق ئابىدىلەردىن 
ياڭرايدۇ سادا، 
چاقنىغاندەك گوياكى چېقىن. 
سەن بولغاچقا، 
ئالدىمدا ھازىر ھايات ئادەمدەك 
شېئىر ئوقۇيدۇ ئاپرىنچۇر تېكىن. 

سېنىڭ بىلەن 
ئالەمشۇمۇل سۆز قىلالىدى 
ئۇيغۇر بالىسى. 
سەندە جەملەنگەن جەۋھەرلەر بىلەن 
ئىلىم دۇنياسىنى ھەيرەتكە سالدى 
كاشغەرىينىڭ ئۇلۇغ قامۇسى. 
سېنىڭ جىلۋىدار نەقىشىڭ بىلەن 
يارالدى نەزمىلىك ئىنسانىي دەستۇر --- 
بوۋام يۈسۈپنىڭ بەختنامىسى. 

سېنىڭ " فۇسەھا "، " بولەغا " لىرىڭ① 
سېنى مىسرالارغا تىزىپ ياراتتى 
ئۇيغۇرچە غەزەلنىڭ نەمۇنىسىنى. 
سېنىڭ بىلەنمۇ 
ناۋايى يېزىپ بەخش ئەتتى ئەلگە 
ئېسىل مەنىلەرنىڭ خەزىنىسىنى②، 
نامايىش قىلدى يۈكسەك چوققىدا 
داستانچىلىق تەنتەنىسىنى. 

سەن بولغاچقا، 
تۇغدى زەلىلىنى يەركەن دىيارى 
(ئۇنىڭ غەزىلىگە تالاي شائىرنىڭ 
مۇخەممەس باغلاشقا③ تۇتتى خۇمارى.) 

سەن بولغاچقا، 
نەۋبىتى شۇنداق گۈلدەستە تىزدى، 
خۇشبۇيى خۇددى خوتەن ئىپارى. 
سەن بولغاچقا، 
خىرقىتىنىڭ سۇلمىدى گۈلى، 
قالمىدى سايراشتىن توختاپ بۇلبۇلى، 
گۇم بولمىدى گۇمنام مۇنارى. 
سەن بولغاچقا، 
ماڭدى ئۇلاپ داستان يولىنى 
نازىم بىلال ھەمدە نەزارى 

سەن بولغاچقا، 
مىللەت نامىنى ياڭراتقان " ئۇيغۇر "، 
سايرامىنىڭ پۇشتى ئارمىيە 
مەرىپەتكە ئۈندەپ يۇرتىنى، 
يېقىپ جاھالەتكە ئىسيان ئوتىنى 
( بولۇپ شېھىت ھەم يېرىم شېھىت )، 
ئاچتى شېئىرىيەتنىڭ يېڭى بېتىنى. 
سەن بولغاچقا، 
خانتەڭرىنىڭ بۇلبۇلى لۇتۇن، 
كۈيلىدى باھار ئەلچىسى بولۇپ 
ماركىسىزىم ھەقىقىتىنى... 

ئەي، بىباھا ئانا تىلىمىز، 
سەندىن ئاڭلىدۇق 
دانالارنىڭ نەسىھىتىنى، 
ئەجداتلارنىڭ ۋەسىيىتىنى. 
سەن ئارقىلىق چۈشەندۇق ئېنىق 
تارىخنىڭ قانۇنى بىشارىتىنى 
ۋە ئىنقىلاب دالالىتىنى. 
شۇڭا قوغلىدۇق زۇلمەتنى سۆكۈپ، 
ۋە سەن بىلەن ئالقىشلار تۆكۈپ، 
قۇچتۇق ئازادلىق پاراغىتىنى. 

ئانا تىلىم، 
ئۆمۈر كۆردۈڭ شۇنچە كۆپ يىل سەن، 
بەردىڭ بىزگە نۇرغۇن ئەقىل سەن. 
ئەزەلدىن بېرى 
قەلبىمىزنىڭ ئەزىز ۋەكىلى ئىدىڭ، 
بىز مەۋجۇد ئىكەنمىز 
يەنىلا شۇنداق ئەزىز ۋەكىل سەن، 
مەۋجۇتلىقىمىزغا ئەڭ چوڭ دەلىل سەن. 
بىز بۈگۈن يېڭى مەنزىلگە ماڭدۇق، 
سەنمۇ جەۋھەر ئېلىپ جىمى زۇۋاندىن 
بېيىپ، تېخىمۇ بولغىن ئېسىل سەن. 

ئانا تىلىم، 
سۆيىمەن سېنى، 
سەن ئۆمرۈمنىڭ جىمى زىننىتى. 
يايرايدۇ جېنىم، 
ئاڭلىسام سېنى باي- ئۇز - پاك پېتى. 
قاخشايدۇ جېنىم 
يېپىشسا ساڭا مايمۇن ئىللىتى. 
تېخىمۇ ھار كېلىدۇ ماڭا 
تاپسا ئىناۋەت ئورىلىپ ساڭا 
كاززاپلارنىڭ ئىغۋا - تۆھمىتى، 
بىشەملەرنىڭ ھازازۇللىقى، 
ئالدامچىلارنىڭ ساختا ھىممىتى، 
ئوغرىلارنىڭ ھارام ئوقىتى. 

لېكىن بىز يەنە ئەمىن شۇنىڭغا: 
ئىنسانىيەت تاپار كامالەت. 
دەيدىغىنىنى ھامان دەپ بولۇپ، 
ئۇجۇقىدۇ ئاخىر لەت بولۇپ 
ئەقىل ئالدىدا خۇنۈك جاھالەت، 
پاكلىق ئالدىدا مەشۇم قاباھەت. 
ئەنە شۇ چاغدا 
قىلار تەنتەنە 
ئىنسان تىلىدا راۋان لەتاپەت. 

ئانا تىلىم، 
چىللايدۇ سېنى 
تىل دۇنياسىنىڭ بەس - بەس مۇنبىرى، 
يىلتىزىڭ چىڭ سېنىڭ، 
زىمىنىڭ مۇنبەت، 
مىۋەڭگە تېخىمۇ تولىدۇ شەربەت 
قانچە پەرۋىش ئەيلىگەنسېرى. 
ئۆسكەنسېرى ئەقىل - زوقىمىز، 
ئۆچۈپ نادانلىق غەلدە - غەشلىرى، 
جىلۋىلىنىدۇ سەندە مۇكەممەل 
سەمىمىيەتنىڭ سۈزۈك ساداسى، 
پەن ئىپادىسى، 
سەنەت تەسۋىرى... 
ئاھ، ئانداق بولمىسا، 
نېمە دىگۈلۈك، 
ياراتمىسا تارىخ تەھرىرى؟ 
بۇ بىز ئۈچۈن ئۆلۈم ئەمەسمۇ؟ 
ۋە "نەس باستىمۇ سېنى" دېمەسمۇ 
قەبرىدە يېتىپ مەھمۇد قاشقەرىي ...
--==--
ئانا تىلنى خارلىما

مەيلى بولغىن قايسى مىللەت، ئانا تىلدىن تانمىغىن،
ئانا تىلچۈن ھەتتا قانلار ئاققۇزۇشتىن يانمىغىن.
نام - مەنپەئەت، ئابروينى دەپ ئانا تىلدىن چانمىغىن،
ساڭا ئەقىل - ئىدراك بەرگەن تىلىڭنى خار قىلمىغىن.

قەددى - قامەت، يۈرۈش - تۇرۇش بەلگىلىمەس مىللەتنى،
ئاتا تىللا بېرەلەيدۇ ھېچكىم بەرمەس سۆلكەتنى.
ئويلاپ باققىن ئانا تىلسىز قالغاندىكى كۈلپەتنى،
يۇقتۇرمىغىن ئانا تىلنى خار قىلىدىغان ئىللەتنى.

خاتاسى يوق بىلىم ئۈچۈن باشقا تىلنى ئۆگىنىش،
چۈنكى مەقسەد بىلىم ئېلىپ قالاقلىقنى تۈگىتىش.
لېكىن بىلسەڭ نومۇسسىزلىق ئانا تىلدىن ۋاز كېچىش،
شۇ ۋاز كېچىش ئېلىپ كېلەر زاۋاللىققا يۈزلىنىش. 

ۋەتىنى ھەم مىللەتنى قوغدىمىغان ئەر سانالماس،
ۋەتەن - ئەلگە كۆيۈنمىگەن يۈرەكلىكرەك ماڭالماس.
مىللەتمۇ ھەم ئانا تىلسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماس،
بىلىۋالغىن ئانا تىل باھاسى يوق بىر ئالماس.

***
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا
ماسكەلگەنسەن جاھانغا -
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
ماسكېلىسەن زامانغا -
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
سەن بولغاچقا بىز بارمىز- 
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
ياشايمىز ھەم سەنبىلەن - 
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
كاشى دىسە قەشقەرنى - 
خېتىئاڭ دىسە خوتەننى.
...ئۆلۈك دىسە بىزلەرنى - 
ياق ئۆلمىدۇق جان پىدا!.
ۋۇشى ئەمەس، ئۈچتۇرپان - 
داپو ئەمەس، مۆلژەر تاغ.
تىيانشەن ئەمەس، تەڭرى تاغ - 
ئۇيغۇر ئېلىم جان پىدا!.
يېڭى يەر دىسە يۇرتۇمنى-
ۋەيران قىلسا ئەسلىمنى -
تىرىك كۆمسە نەسلىمنى -
ياق تۈگىمەيمىز جان پىدا!.
خابا ئەمەس، دەرىيالار -
خۇڭشۈي ئەمەس، بۇ قانلار -
ژىيرۇ ئەمەس، بۇ ژانلار -
ۋىژدان تىلىم جان پىدا!.
ياڭرۇ ئەمەس، قوي گۇشى -
نۈيرۇ ئەمەس، كالا گۇشى.
شۇژى ئەمەس، كەنىت بېشى -
يەرلىك تىلىم جان پىدا!.
با-با ئەمەس، جان دادا -
ما-ما ئەمەس، جان ئانا.
لاۋشى ئەمەس، مۇئەللىم -
ئانا تىلىم جان پىدا!.
گۈيرۇ ئەمەس، قورىما-
ھالال ئەمەس، ژۇۋاۋا.
ئىسمى ئۇنىڭ سۇ مانتا -
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
تاڭمىيەن ئەمەس، ئاش سۈيى-
گاڭفەن ئەمەس، سەي پولو.
مىيفەن ئەمەس، گۆش پولو-
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
ۋېي-ۋېي ئەمەس، ئەسسالام -
دەپ كۆرۈشىسەك نىمبۇلا؟
قوغدىساق ئانا تىلنى -
ئاللاھ ھەم رازى بۇللا؟
ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن-
ئانا تىلىم جان پىدا!.
كېسىلسە تىل - بۇرۇنلا -
يۇلۇنسا چاچ - ساقاللا.
كۆيدۈرۈلسە - روماللا-
قوغدالسۇن.. ئانا تىللا -
ئانا تىلنى قوغداشقا -
ۋىژدان بىلەن جان پىدا!.
تومۇردىن چىقسا قانلا -
يۈرەكتىن چىقسا ژانلا .
تىلىم سۆزلەر "ئىللەللاھ" -
ئىمان تىلىم جان پىدا!.
تۈركى تىللار دىۋانى - 
دۇنىيا ئۇنىڭ ھەيرانى.
ياشىدى مىڭ يىللارنى-
ئەژداد تىلىم جان پىدا!.
بوۋام يازغان بىر قامۇس -
يۇقالمىدى مىڭ يىللا...
يۇقالمايدۇ بۇ تىل ھەم -
بۇلالىساق بىز پىدا -
ئۇيغۇر تىلىم جان پىدا!.
ئا. مۆلژەرلى
2012-01-18
ترانسلىت ئامراق


Ana tilim Dana tilim munbirige merhemet qiling

Copyright ©  2003-2016 Һәмраҗан - Амрақ All Rights Reserved.   

Используются технологии uCoz